قەشقەرنىڭ «شال يېزىسى بۇلاق كەنتى» ئاھالىلىرى «ساياھەت تامىقى» يېدى

日期:2020年10月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بولۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، «شال يېزىسى بۇلاق كەنتى»گە بارىدىغان ساياھەت ئاپتوبۇسى ئارقا-ئارقىدىن كەلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «سۇ ماكانى» دېگەن نامى بار كىچىك كەنت ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى، قاتار-قاتار ئۆزگىچە ھويلا-ئارانلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قاتار-قاتار ئەگمە كۆۋرۈكلەرنىڭ تەسۋىرى سۇدا ئەكس ئېتەتتى...

دېھقانلارنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە ھويلىلىرى.

«شال يېزىسى بۇلاق كەنتى»نىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدىن شال كۆپ چىقىدۇ، بۇلاق كۆزىمۇ كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت ئىچىدىكى سۇ سىستېمىسى رايونىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇ ماكانى»نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، «شال يېزىسى بۇلاق كەنتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مۇخبىرلار كەنتكە كىرىپلا، كەنتنىڭ ئىككى ئېقىن ئارقىلىق شەرق، غەربكە ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېن ۋېيلۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە بىر قانچە بۇلاق كۆزى بار، بۇلاق سۈيى يىغىلىپ ئاقىدۇ، تەبىئىي شەكىللەنگەن ئىككى كىچىك سۇ سىستېمىسى كەنتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇ يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شارائىتى شەكىللەنگەنىدى، بۇ بىر قەدەر قۇرغاق جەنۇبىي شىنجاڭدىمۇ بىر چوڭ ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە،ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار.

چېن ۋېيلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «شال يېزىسى بۇلاق كەنتى» 2016-يىلىدىن باشلاپ كەنت قىياپىتىنى تۈزەپ، ئەخلەت ۋە 2000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆل يۈزىنى تازىلىغان، 2019-يىلى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن، چوڭ-كىچىك ئالتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى، كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى ياسالغان، سۇ سىستېمىسى ئىچىگە قارا سايىۋەنلىك كېمە، رەسىملىك كېمە، يەككە شىپاڭلىق كېمە ئورۇنلاشتۇرۇلغانھەمدە تۆت «پەسىلباش تېما مەيدانى» بەرپا قىلىنىپ، پۈتكۈل مەنزىرە رايونىدا جەمئىي 24 «مەۋسۇم تۈۋرۈكى» ياسالغان، مەنزىرە رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان.

«كەنتتىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنى خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى نۇرغۇن خىراجەتنى تېجەپ قالدۇق، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرت-ماكانىنى قۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى» دېدى چېن ۋېيلۇڭ.

كەنت مەنزىرىسى.

«ئۆيۈمنى بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىچىدىكىدەك ھېس قىلىمەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇم كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە ئوخشاش گۈزەل» دېدى خۇرشىدە نۇر، ئۇ يۇقارقى قاقۇللا كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئېرى ئۆلۈپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان، ئۆزى ئوغلى ۋە قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ بېكىتىلگەنىدى.

«ئىلگىرى ئىككى مو يەر تېرىيتتىم، ئالدىراش بولمىغان چاغلاردا كەنتتە پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلاتتىم،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى تەستە قامدايتتىم» دېدى خۇرشىدە. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇ يېرىنى ھۆددىگە بەردى، ھەر يىلى يەر ئوبوروت ھەققىدىن 1200 يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئېتىزدا بىر يىل قىلغان كىرىمى بىلەن باراۋەر ئىدى، ئوغلىشۇ جايدىكى ئېلان شىركىتىدە خىزمەت تاپتى،ئۆزىمۇ خىزمەت تاپتى.

كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرگە نان ياقماقتا.

كىرىمى ئېشىپ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا، خۇرشىدە دەرھال «كۆڭۈل يارىسى»نى داۋالىدى، يەنى كەنتكە بېرىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلدى.

2019-يىلى كەنتتە مەنزىرە رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇرشىدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئۆيىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى. «ھازىر بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن مەن بەك خۇشال،بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كۈرەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندىم» دېدى خۇرشىدە.

چېن ۋېيلۇڭ مۇنداق دېدى: خۇرشىدەگە ئوخشاش، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئۆيىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقانلاردىن 18 ئائىلە بار، يەنە بەزى كەنت ئاھالىلىرى دۇكان، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى. ئەمدى بىزمەنزىرە رايونى ئەتراپىدا 680 مو يەردە باغ بەرپا قىلىپ، كېلەر يىلى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىمىز. دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلايمىز.

ھازىرغىچە، مەنزىرە رايونى شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان، مەنزىرە رايونىدىكى ئاشخانا، ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ھەر خىل دۇكاندىن 64ى ئېچىلغان بولۇپ، 186 ئادەمنىڭ مەنزىرە رايونىدا ۋە ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.