تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شېن جۈچىن خەۋىرى، فوتوسى): ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئايدا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىنىڭ ئاق قېيىن ئورمانلىقىدىكى قاتمۇقات ئورمانلىق ئالتۇن رەڭ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، دەريا سۈيى ئادەم سىيماسى كۆرۈنگىدەك سۈزۈك ئىدى، تۈركۈم ـ تۈركۈم ساياھەتچىلەر بۇ گۈزەل جايغا كېلىپ، كۈزدىكى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، جىمجىت گۈزەل پەيتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.