10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر نەشپۈت شەھىرى كورلا شەھىرىنىڭ لۇڭشەن باغچىسىدا قېيىق ھەيدەپ سەيلە قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ كۈن خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر دەل كەچ كۈز مەزگىلى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرى، باغچىلىرىدا قويۇق كۈز مەنزىرىسى شەكىللەندى، ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ، رەڭگارەڭ دۇنيانى نامايان قىلدى.