تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لۇبىن، پەن سۇڭ، ليۇ شياۋفېن خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، مۇخبىر شىنجاڭ قومۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە يېزىسى تەۋەسىدىكى نەنخۇ يارداڭلىق يەر شەكلى توپىغا كېلىپ ساياھەت قىلدى، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ، شەكلى ھەر خىل بولغان يارداڭلىق يەر شەكلى مەنزىرىلىرى بار بولۇپ، تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىدى، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ كارامەتلىرى كىشىنى قايىل قىلاتتى.