«شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى باغراش كۆلىگە كەلدى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار سۇڭ چيەنچيەن، لو جىۋېي خەۋىرى): يېقىندا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» پىروگرامما گۇرۇپپىسى باغراش كۆلىگە كېلىپ، تۆت كۈنلۈك مەنزىرە تاللاپ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلاپ، كۆپچىلىكنى جۇڭگونىڭ غەربىي دېڭىزى باغراش كۆلىنى ساياھەت قىلىپ، خاس مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، باغراش كۆلى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تونۇشتۇردى.

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى، ليەنخەي دۇنياسى مەنزىرە رايونى، قۇملۇقتىكى دالا مەيدانى قاتارلىق ئەڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىنى سۈرەتكە تارتتى. پىروگرامما ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ساۋۇردىن ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ئارقىلىق، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن باغراش كۆلىنىڭ يەرلىك ئادىمىيەت مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، باغراش كۆلىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى. نەق مەيداندا ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلاش جەريانىدا شەخسلەرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى قېزىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، باغراش ناھىيەسى خەلقىنىڭ ھېكايىسىنى ئېكراندا نامايان قىلىپ، پىروگرامما ئارقىلىق باغراش كۆلىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، باغراش كۆلىنىڭ ياخشى ئاۋازىنى تارقىتىپ، باغراش كۆلىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باغراش كۆلىنى چۈشىنىش، باغراش كۆلىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق فىلىم ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تېڭشۈن سىنى، شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق سۇپىلاردا كۆرسىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار تەشۋىق قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كارتىنىسى تولۇق نامايان قىلىنىدىكەن، باغراش ناھىيەسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، باغراش كۆلى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى