مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە «ئۈچەك مەزگىلى»گە كىردى

日期:2020年10月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋپېڭ فوتوسى): 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە باشقۇرۇۋاتقان مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى تىلىمەت تونىلى ئەتراپىدىكى يول بۆلىكىدە كەڭ كۆلەمدە قار يېغىپ، قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىغان بولغاچقا، 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە «ئۈچەك مەزگىلى»گە كىرىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى شايار شۆبە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى رۇستەم توختى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ K990ـK906 يول بۆلىكى (كۇچادىن بايىنبۇلاققا بارىدىغان يول بۆلىكى)دە يول تېيىلغاق بولۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى زورايدى. شۇڭا، كۇچا شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى كۇچا قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى، ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى شايار شۆبە ئىدارىسى، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدە قاتناشنى كونترول قىلدى، بۇ مەزگىلدە بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.