قىزىل مىڭئۆي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، ئالدىن كېلىشىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھەر كۈنى 1000 كىشى بىلەن چەكلىنىدۇ

日期:2020年10月14日
来源:天山网
【字体:

قىزىل مىڭئۆي شىنجاڭ باي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان غاردىن 349ى بار، تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە،قىزىل مىڭئۆي 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر كۈنلۈك كۈتۈۋېلىش مىقدارى1000 كىشى بىلەن، ھەر بىر تۈركۈمدە غارغا كىرىدىغان ساياھەتچىنىڭ سانى بەش-ئالتە كىشى بىلەن چەكلىنىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان «قىزىل مىڭئۆيدە قىشلىق ئېچىش ۋاقتىنى يولغا قويۇش ۋە ھەر دۈشەنبە تاقاپ ئاسراش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىشلىق مەشغۇلات ۋاقت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، قىزىل مىڭئۆينى ئېچىش ۋاقتى سائەت 10:00دىن 18:00گىچە تەڭشەلگەن. مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش،ۋاقتىدا رېمونت قىلىش ئۈچۈن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى(دۈشەنبە)دىن باشلاپ قىزىل مىڭئۆيدە ھەر دۈشەنبە تاقاپ ئاسراش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، تاقالغان شۇ كۈنى ۋاقتىنچە سىرتقا ئېچىلمايدىكەن(دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).

   قىزىل مىڭئۆي شىنجاڭ باي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر غاردىن349ى ساقلىنىپ قالغان، تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 10 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، كۈسەن غارلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بۇ غار تەخمىنەن مىلادىيە 3-ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە ئەڭ بالدۇر قېزىلغان چوڭ تىپتىكى غارلار توپىغا تەۋە. ئۇ گەنسۇ دۇنخۇاڭ مۇگاۋ غارى، سەنشى داتۇڭ يۈنگاڭ غارى، خېنەن لوياڭ لوڭمېن غارى بىلەن بىللە مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ غار ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىڭئۆي 1961-يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى دەپ ئېلان قىلىنغان، 2014-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. (سۈرەتنى شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن)