نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسىدىكى چاتما فىلىم «گۈزەل ماكان» خوتەندە سۈرەتكە ئېلىنماقتا

日期:2020年10月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ): يېقىندا، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسىدىكى10 قىسىملىقچاتما ھۆججەتلىك دوكلات فىلىمى «گۈزەل ماكان» خوتەندە سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ناھىيە ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى بولغان «كۇنلۇن جيايۈەن»، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئىچىدىغان سۇنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان10 رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىش-ئىزلىرى تاللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر ئىشلىگەن زور مىقداردىكى خىزمەتلەر، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدىكەن، كۆپلىگەن جانلىق شەخسلەر ۋە ھېكايىلەر ئارقىلىق، نۇقتا ئارقىلىق دائىرەيېتەكلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلانغانلىقىدەك شانلىق نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدىكەن.

ئىلگىرى «مېھىر-مۇھەببەت»، «مۇزىكانت» قاتارلىق فىلىملەرگە رېژىسسورلۇق قىلغان داڭلىق رېژىسسور شىرزات ياقۇپ مۇنداق دېدى:خوتەندە فىلىمنىڭ ئىككى قىسىمى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، ھازىر بىرىنچى قىسىمىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولدۇق، بۇنىڭداخوتەن شەھىرىدىكىداڭلىق تۇەنچېڭ، يەنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ تىپىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت كوچا رايونى نامايان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن كەچلىك بازىرىمۇ مۇشۇ كۆرۈنۈشلەردە نامايان بولىدۇ، كۆپچىلىك شۇ جاينىڭ خاس تائاملىرى ۋە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كەچلىك بازارئىقتىسادىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقىدەك ھېكايىلەرنى كۆرەلەيدۇ. 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىككىنچى قىسىمنى سۈرەتكە ئالىمىز، كۆرۈنۈشلەر ئاساسلىقى گۇما ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھەمدە خاس ئۆرپ-ئادەتلەر،سەھرا قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە» قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىساد ئامىللىرىنى چۆرىدەپ، خوتەن كەچلىك بازىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان كېچىلىك ئىقتىساد ماركىسىغا ئايلاندۇرغان. 2019-يىلى، خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 80 مىليون 450 مىڭ يۈەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يارقىن نۇقتا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 78 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بويىچە 780 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغان، بىر يىلدا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىدىن جەمئىي 3 مىليون 70 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالغان.

بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى مۇنداق دېدى: «بىز بىر نەچچەگۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، باسقۇچلارغا بۆلۈپ سۈرەتكە ئېلىۋاتىمىز، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى قىسىمىنى قويۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلىغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. تېلېۋىزىيە فىلىمى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارغا مەدھىيە ئوقۇش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.

 (سۈرەتلەرنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن)