تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇبىن، لۇ گاڭ خەۋىرى، فوتوسى): ئالتۇن كۈز10-ئايدا، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ كىرغۇت يېزىسى خۇددى رەڭگارەڭ خىيالىي دۇنياغا ئوخشاپ قالغانىدى،ئالتۇن رەڭلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى توغراقلىقنى قاپلىغان بولۇپ، كالا، قوي ۋە تۆگىلەر ئورمانلىقتا بەخارامان يۈرەتتى، سۈزۈك بۇلاق سۈيى چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدا ئېقىپ تۇراتتى، بۇ مەنزىرە خۇددى رەڭگارەڭ چۆچەك دۇنياسىدەك،كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.