«قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن تاشقورغان» ناملىق فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار پەن يەنيۈن، چېن جاۋلىن): 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تاشقورغان ناھىيەسى دېيىلىدۇ) جىنساۋتەندە، قەشقەر جيالۇ كىنو تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەيدىغان «قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن تاشقورغان» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

«قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن تاشقورغان» ناملىق فىلىمدە تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسى پىل كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىش-ئىزلىرى ئەسلى تىپ قىلىنغان بولۇپ، پىشقەدەم، ياش ئىككى ئەۋلاد نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەي، چېگرادا يىلتىز تارتىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت، بەختلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدەك ئىلھام بەخش ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. فىلىمدە تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مەنىۋى پەزىلىتى ۋە چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، چېگرانى ئورتاق ساقلاش، ئورتاق قوغداشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن تاشقورغان» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىدىكى بىر كاتتا ئىش، شۇنداقلا قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى بىر كاتتا خۇشاللىق ئىش. بۇ، قەشقەرنىڭ خاس مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، سىرتقا بولغان تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.