مايتاغ-كۇچا تاشيولى تاغنى قامال قىلىش مەزگىلىگە كىردى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى): ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغدى، G217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە قاتناش يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىدى، ئالاقىدار تارماقلار قىشلىق تاقاش ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش ئەسلىگە كېلىدىكەن.

يېقىندا، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغدى، G217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى شىخو شەھىرى بايىنگوۋ يول بۆلىكىدىن كۈنەس ناھىيەسى نارات يول بۆلىكىگىچە بولغان يول بۆلەكلىرىدە قار يىغىلىپ، مۇز تۇتتى، تاغلىق رايونلاردا ئاسانلا قار كۆچۈش، شىۋىرغان قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈزبېرىپ، قاتناش يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 9دىن باشلاپ، قىش پەسللىك تاقاش يولغا قويۇلۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى چەكلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ باشقا يول بۆلەكلىرىمۇ ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن قىش پەسىللىك تاقاش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىدىكەن. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتوموبىل بىلەن يەككە قاتناپ پۈتۈن مۇساپىنى تاماملاشقا ئاز دېگەندە 12 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ بىر داڭلىق ساياھەت تاشيولى ھېسابلىنىدۇ. تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى قىش پەسلىدە قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەر يىلى بىر مەزگىل «قىشلىق ئۇيقۇ» (10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 5-، 6-ئايغىچە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ) بولىدۇ.