ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى»دە پەرھات ۋە ئۇكاكا قاتارلىقلار ناخشا ئېيتتى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسىدە بىر مەيدان «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك «نادام» ئوتلاق بايرىمى ۋەكۈزلۈك، قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا پەرھات خالىق ناخشائېيتماقتا.

 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، «جۇڭگودىكى خۇش ئاۋاز» پىروگراممىسىدا كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن پەرھات خالىق قاتارلىق شىنجاڭلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكا ئەترەتلىرى ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن تەڭ ناخشا ئېيتىپ،گۈزەل ئارشاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلدى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى» ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئۇيۈنچىمىگې ئۇكاكا ۋە ناسېن چياۋكېتې، ئارشاڭ ناھىيەسىدىن چىققان مېھمان مۇزىكا ئەترىتى، شۇنداقلا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن چىققان شىنجاڭلىق ناخشىچى ما يۆچېڭ قاتارلىقلارنىڭ نومۇرلىرى «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى»نى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا ئۇيۈنچىمىگې ئۇكاكا «يۈندېڭ ئاكا» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەردى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭلىق ناخشىچى شى چۇنخۇي كۆپچىلىككە «high كۈيى» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەردى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا ناسېن چياۋكېتې «قۇياشقا ئەگىشىپ مېڭىش» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئارشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا پەرھات خالىق ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ھاياجانلىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.