قوش بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭ مەملىكەت ئىچىدىن جەمئىي 15 مىليون 354 مىڭ 300 ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ): دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدىك ىسەككىز كۈنلۈك ئۇزۇن دەم ئېلىشتا، شىمالىي شىنجاڭ تۇنجى قارنى كۈتۈۋېلىپ، مەنزىرە رايونلىرىغا ھۆسىن قوشۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق بولۇپ، توغراق سەيلىسى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە كىردى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-تەرەپ سۇپىسىنىڭ ئۆلچىشى ۋە ھېسابلىشىغا قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا مەملىكەت ئىچىدىن جەمئىي15 مىليون 354 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.78ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 402 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەت كىرىمىنى 8 مىليارد 413 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنىڭ بىر قەدەر تېز بولۇشى ئاساسلىقى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرى، مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى، مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىدىن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قاناس مەنزىرە رايونى قوش بايرام مەزگىلىدە 568 مىڭ ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، تاغ ئۈستىدە ئاپئاق قارلار دەرەخ شاخلىرىنى قاپلاپ، تاغ ئېتىكىدە ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار يول بويىغا چېچىلدى، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە، ساياھەتچىلەر جۇڭچيۇدىكى شېئىر-نەزمە يىغىلىشى، ياۋچى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇكاپات مېدالىغا ئېرىشتى، يەنە سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى. «ئۆيدىكىلەرنى ساياھەتكە ئېلىپ كېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن مەنزىرە رايونى تەشكىللىگەن پائالىيەتكە توغرا كېلىپ قالدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى چوڭدىن كىچىككىچە ھەممىمىز قانغۇچە ئوينىۋالدۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى ئەپەندى.

قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.

قوش بايرام مەزگىلىدە، پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى ئىچىدە، 1500 ئاپتوموبىل سىغىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ھەر كۈنى لىپمۇلىق توشۇپ كەتتى.«مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرگىمۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى توشۇپ كەتتى، قەشقەر ۋىلايىتى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يەنە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەربار»دېدى پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شياۋيەن.

نەنسەندىكى قار-مۇز بازىرى كىچىك دوستلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى نەنسەن مەنزىرە رايونىدا، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، نەنسەن قار-مۇز بازىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىمۇ قوش بايرام مەزگىلىدە زور تۈركۈمدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتىگەندە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىپ، چۈشتىن بۇرۇن تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلىپ، چۈشتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ 10 مىنۇت يول يۈرۈپ، نەنسەن قار-مۇز بازىرىغا بېرىپ، چۈشلۈك تاماقىنى ھەل قىلدى ھەمدە بالىلىرىنى ئېلىپ سەيلىگاھلاردا ئوينىدى، كەچتە يەنە شەنلەي بازىرىنى ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملاردىن ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشتى.

قومۇل ھۆددە ئايروپىلان ئارقىلىق ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىمقى بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭمۇ ھۆددە ئايروپىلان ئارقىلىق ساياھەتكە چىققان زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى،قۇمۇل شەھىرى بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى خېنەندىن ھۆددە ئايروپىلان ئارقىلىق ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، «قۇمۇلغا كېلىپ، تۇنجى قېتىم يارداڭ يەر شەكلى توپىنى، يەنە ھەيۋەتلىك توغراقلىقنى كۆردۈم، قوغۇن-تاۋۇز ۋە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدىم، كېلەر يىلى يەنە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىمەن» دېدى خېنەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ جىيىڭ.

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەنە فۇجيەن، خېبېي قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانلىرى يولۇچىلارنى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا ئېلىپ كەلدى. (سۈرەت / ئالتاي گېزىتى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)