پارلاق مەدەنىيەت گۈزەل شىنجاڭنى زىننەتلىدى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى شۇبەيگۇ كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ دەرۋازا زىننەتلەيدىغان ئەنئەنىسى بولۇپ، «رەڭدار ئىشىك كەنتى» دەپ نام ئالغان، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلارنىڭ رەڭلىك رەسىملەرنى دەرۋازا زىننەتلەشكە ئىشلىتىپ، كەنتتە يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھۆسن قوشتى. (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشنىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بارغانسېرى بېيىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

ناخشا ـ ئۇسسۇل ئارتىسلىرى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇەنۋۇ بايرىمىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئويۇن قويماقتا (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسى يايلاق شىچېڭ (تاش شەھەرچىسى) مەنزىرە رايونىدا، يەرلىكتىكى ئاھالىلەر 2-نۆۋەتلىك ساۋۇردۇن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىغا قاتناشتى (2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدە، دېھقان رەسسام ئابلىكىم مەمتىمىن ئۆيىدە رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلماقتا (2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە، كەنت ئاھالىلىرى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان). ئەرشىلىدەن كەنتى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھېيت ـ بايراملاردا، كەنت ئاھالىلىرى جياۋزى تۈگۈپ، پولۇ ئېتىپ،مەشرەپ ئويناپ، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىشىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسى مىرچىك يايلىقىدىكى بىر ئۇلانمۇچىر ئويۇنى قويۇش نەق مەيدانىدا، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار پائالىيەتتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ قومۇلدىكى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتىدا، مودېللار قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى چاشمىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان مودا كىيىم لايىھە ئەسەرلىرىنى نامايان قىلماقتا (2019-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بىر پۇقراۋى قونالغۇدا، خاندىگا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ساياھەتچىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بەرمەكتە (2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان).«90-يىللاردا تۇغۇلغان» بىرنەچچە موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ياشتىن تەشكىللەنگەن خاندىگا مۇزىكا ئەترىتى، ھەر يىلى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرىدۇ، ساياھەتنىڭ ئاۋاتسىز مەزگىلدە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ كۆپ قىسىم ناخشىلىرى موڭغۇللارنىڭ خەلق ناخشىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئات باشلىق غېجەك، قوي تېرىسى دۇمبىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلاردىن باشقا يەنە گىتار بىلەن ئېلېكتىرلىك مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

قادىر راخمان شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى ئۆيىدە ئۆزى كەشتىلىگەن دوپپىسىنى كۆرسەتمەكتە (2019-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ئەنئەنىۋى چاشمىنى قىزغىن سۆيىدىغان قادىر چاشمىچىلىق كەسپىدە مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 100دىن ئارتۇق «چاشمىچى ئايال»نى كەسپىي چاشمىچىلىق ئەترىتى قىلىپ تەشكىللىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىر ۋاڭ فېي فوتوسى

ئۈرۈمچىگە جايلاشقان شىنجاڭ مۇزېيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «چاڭلې دامىڭگۇاڭ»ئايالچە كىمخاپ ئىشتاننى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

ئارتىسلار شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 15-نۆۋەتلىك دولان كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى ئويماق يېزىسى خاتەي كەنتىدە، دومبىرا كىچىك تارماق ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە دومبىرا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەرمەكتە (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

ناخشىچى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى قاۋاقخانىدا ناخشا ئېيتماقتا (2019-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرە رايونىدا ئورۇنلاندى(2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

كىشىلەر ئالتاي شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانىدا شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق يېڭى چاغاننى كۈتۈۋېلىش قار شەھىرىدىكى بەيگە مۇسابىقىسىدىكى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرىدىكى ئاھالىلەر «سابان بايرىمى»دا ئۇسسۇل ئوينىماقتا ( 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا مەدەنىيەت-سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى«سارغايدى» ئويۇنى كۆرسەتمەكتە (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنجاڭ چۆچەك شەھىرى قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى بىر كىچىك ھويلىدا، ئۇيغۇر ئاھالە سالىقجان ئىمىن (سولدىن 2-كىشى) ئۆيىدە قوشنىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پاراڭلاشماقتا (4-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى