خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇتنىڭ رەڭگارەڭ كۈز مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى

日期:2020年10月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇبىن، ياڭ كۇن، شياۋ يۇڭخاۋ خەۋىرى، فوتوسى) 2020-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت مەنزىرە رايونىنىڭ رەڭگارەڭ كۈز مەنزىرىسى. ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسى بىر ئالتۇن رەڭلىك دۇنياغا ئايلانغانىدى، سۈزۈك بۇلاق سۈيى چوڭقۇر جىلغىدا ئېقىپ، ئالتۇن رەڭلىك توغراق، قارامتۇل يېشىل قارىغايلىق تاغ ئارىسىغا زىننەت قوشۇپ، بىر گۈزەل رەسىملەر توپلىمىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەردە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.