شىنجاڭنىڭ 13 تاۋار بۇيۇمى 2020-يىللىق جۇڭگوچە خاس ساياھەت تاۋارلىرى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى

日期:2020年09月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ): 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2020-يىللىق جۇڭگو خاس ساياھەت تاۋارلىرى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن13تاۋار بۇيۇم 20 مىڭدىن ئارتۇق تاۋار ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تاۋارلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ جەمئىي 128 تاۋارنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، دەسلەپكى تاللاشتىن كېيىن، 53 تاۋارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش بېكىتىلگەن، شىخۇ پىۋىسى ۋە جىنلۈ شاڭپىڭ .قوي يۇڭى كىگىز يېپىنچىسى مۇسابىقىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ يۈەنجېن . خۇاچىڭچۈن قارا ئالقات سۇيۇقلۇقى، خېيۈ شاڭپىن . جىنسىيۈ توغراق خەتكۈچى قاتارلىق بەش تاۋار كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ پۇتاۋشۇ . قايماق چۈرۈك پىرەنىكى قاتارلىق ئالتە تاۋار مىس مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

قوي يۇڭى كىگىز يېپىنچىسى.

جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى ساياھەت تاۋارلىرى ۋە جابدۇقلىرى تارماق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى چېن بىننىڭ ئېيتىشىچە،شىنجاڭنىڭ ساياھەت تاۋارلىرى بۇ ئىككى يىلدا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن، بۇ يىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەھسۇلاتلارنىڭ سانى، سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولغان. چېن بىن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرمۇش تۈرىدىكى ساياھەت تاۋارلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ساياھەت تاۋارلىرى شىنجاڭنىڭ خاس بولغان مول مەھسۇلات بايلىقىنى نەپىسلەشتۈرۈشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەت تاۋارلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە چوڭقۇر ئېچىپ، خام ماتېرىياللارنى يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەشنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۇرمۇش تۈرىدىكى، زامانىۋىلاشقان، سودا خاراكتېرىنى ئالغان ۋە ئاممىباب ساياھەت تاۋارلىرى يۆنىلىشىگە قاراپ ئېچىش كېرەك». (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)