«شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى

日期:2020年09月30日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان دوختۇر-سېسترالار ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن شىنجاڭ ئالتۇن كۈز ساياھەت سۈرەتچىلىكى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق ھېس قىلىش ئۆمىكىگە قاتناشتى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2020-يىللىق «قەلبىمىزدىكى تۆت پەسىل . گۈزەل جۇڭگو» مەملىكەتلىك كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلىرىغا تايىنىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، قار تېيىلىش، ساياھەت سۈرەتچىلىكى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل ساياھەت بايلىقى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى.(جاۋ گې فوتوسى)

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇرۇم ھەيكەل ياساش ئۇستىسى مېڭ لۇلۇ ئۆزى كالا خۇرۇمىدا ياسىغان «ئاككوردىيون»نى كۆرسەتمەكتە.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئارتىسلار «دۇنيا گۈزەل . گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئويۇن قويماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىر خادىم شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان خاس كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى رەتلىمەكتە.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئارتىسلار «دۇنيا گۈزەل . گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئويۇن قويماقتا.