ساياھەت دارېنلىرى خوتەندە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئەتلەسنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

日期:2020年09月29日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ تورى خەۋىرى(مۇخبىر شۈ ئەييۈن خەۋىرى، فوتوسى): «گۈزەل خوتەن، بىز كەلدۇق»9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 11:00دە، مېۋە-چېۋە ماكانى خوتەن «شىنجاڭ ياخشى جاي . دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى 9-پەسىل»نىڭ 2-بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

40 نەچچە ساياھەت دارېنى خوتەننىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، دارېنلار خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا بېرىشقا ئالدىرىدى، خوتەن ئەتلەس يىپەك قول ھۈنەرخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ «يىپەكنى تارتىپ غوزا چىقىرىش» جەريانىنى ھېس قىلدى، بىر ئاق، سېمىز پىلە غوزىسى پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، 800 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە بولغان يىپەك تارتىپ چىقىرىلاتتى، ئاندىن بۇ يىپەك يىپ قىلىپ ئىگىرىلىپ، تەبىئىي بوياق بىلەن بويالغاندىن كېيىن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋارىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئويى بويىچە ھەرخىل نۇسخىلارنى توقۇيتتى. 59 ياشلىق ئانتۇم 13 يېشىدىن باشلاپ ئەتلەس توقۇشنى ئۆگەنگەن، مەيلى توز قۇيرۇقى ياكى ھەسەن-ھۈسەن بولسۇن، بۇ نەقىشلەر ئۇنىڭ قەلبىدە ئىدى، ئۇ چېرتيوژ ئىشلەتمەيلا، قىلچە خاتالاشماي بىر ئەسەرنى توغرا تاماملىيالايتتى.

شۇ كۈنى 78 ياشقا كىرگەن ئوسمان تايىر بوۋاينىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، توقۇش ماشىنىسىدا تېتىك ئولتۇراتتى، ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، خۇددى زېرەك ياردەمچىسى باردەك ناھايىتى تېزلا بىر پارچە يىپەك رەخت توقۇدى. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 14 يېشىدىن باشلاپ ئەتلەس توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، 19 شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇلار بۇ ھۈنەرنىڭ ۋارىسىغا ئايلانغان.

خوتەن ئەتلەس يىپەك قول ھۈنەرخانىسى 1992-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ، دۆلەت 3Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، «21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول سانائىتى» دەپ تەرىپلىنىپ، كەڭ ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئەتلەسنىڭ قەدىمىي ئۇسلۇبپتىكى يىپەك تارتىش، يىپ ئېگىرىش، بوياقچىلىقتىن توقۇشقىچە بولغان ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەريانىنى ھېس قىلالايدۇ.

ھازىر، بۇ زاۋۇت ئەتراپتىكى 500 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننى يىپەك توقۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، يىلدا 200 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى جانلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندى.