شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى موڭغۇلكۈرە بازىرىدىكى چارۋىچىلار ئوتلاقتا چارۋا باقماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە «تۇلپار» خاس بايلىقىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئات مەدەنىيىتى ھەم ئوتلاق ئېكولوگىيەسى ساياھەت رايونى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.(لى ۋېنۋۇ فوتوسى)
شىنجاڭغا كەلمەي تۇرۇپ جۇڭگونىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ شىنجاڭغا كەلمەي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ گۈزەللىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغانلار بۇ سۆزلەرنى سەل كۆپتۈرۈۋەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، شىنجاڭغا كېلىپ باققانلارئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولغاچقا، بۇ سۆزنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بوشلۇقتىن تېخىمۇ ياخشى ھېسقىلغىلى بولىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىيانشان تېغى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ چوققىلىرىنى قاپلىغانقارلار سۈزۈك بۇلاققا ئايلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كىشىلەرنى ئۆستۈرمەكتە. 10 مىليون يىل تىمتاسلىققا چۆمگەن سايرام كۆلى كۆك قاشتېشىدەك گۈزەل بولۇپ، «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» دەپ ئاتالماقتا.
شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى بىپاياندىكى تىمتاسلىققا يوشۇرۇنغان. توغراقنىڭ«مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرىسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇمىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەيدىغانبۇ خىل روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ؛ تەكلىماكاننىڭ سىرلىقلىقى ھەم گۈزەللىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ھەرخىل. بوغدا كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى خۇددى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ كامالەتكە يەتكەن لايىھەلىگۈچىگە ئوخشايدۇ، تاغ، دەريا، دەل-دەرەخ، تاش، ئوت-چۆپلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ماسلاشقان. رەڭدار ساھىللار خۇددى رەڭ تەڭشەش تاختىسىنى ئۆرۈۋەتكەندەك، ئاق، قارا، سېرىق، يېشىل، سۆسۈن رەڭ، ھەممىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
قارلىق تاغ، ئوتلاق، چۆللۈك، قۇملۇق، كۆل سۈيى، جىلغا... شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدا ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدىغىنى يەنىلا بۇ يەردىكى كىشىلەر. 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، گۈزەللىكتە ئورتاقلاشتى. مۇشۇنداق گۈزەللىك ئەڭ قىممەتلىك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى