بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنت دەرىجىلىك ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر گو چېڭ، ساۋ فېڭجۈەن خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ يەرنى بىر ئايلانساق، <باغراش سوۋغىسى>نى بىر قېتىمدىلا تولۇق سېتىۋېلىپ قالماستىن، يەنەقومۇش سۈرەتلىرى، قول ھۈنەر كەشتىچىلىكى قاتارلىق ئەل ئىچى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىز ئۈزگەن شاپتۇل، ئۈزۈملەرنى تېتىپ كۆرگىلى بولىدىكەن». 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسى لاخەننۇر كەنتىدىكى «باغراش ناھىيەلىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلەر مەركىزى»دە، ساياھەتچى ليۇ فاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنت دەرىجىلىك ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى بولغان «باغراش ناھىيەلىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلەر مەركىزى» يېقىندا لاخەننۇر كەنتىدە رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ باغراش ناھىيەسىدىكى يېزا-كەنت ساياھەت رايونلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
«باغراش ناھىيەلىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلەر مەركىزى»نىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن، تەشۋىقات بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونى، ساياھەتچىلەر دەم ئېلىش رايونى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىش رايونى، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش رايونى قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدار رايونلىرى تەسىس قىلىنغان. ساياھەتچىلەرگە شۇ جاينىڭخاس ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى نامايان قىلىش ۋە سېتىشتىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەپچىقارغان قۇش، تۇخۇم، يېڭى مېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتقىلى بولىدىكەن.
«<باغراش ناھىيەلىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلەر مەركىزى> ساياھەتچىلەرنى ئازادە دەم ئېلىش مۇھىتى، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، خاتىرجەم مال سېتىۋېلىش سۇپىسى ۋە تېز، توغرا ساياھەت ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرگە باغراش يېزا-كەنت مەنزىرىلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى، مول بايلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە باغراشلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى چېكىننۇر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ گوچۇەن.
ئىگىلىنىشىچە، باغراش ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىستراتېگىيەسىىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان، لاخەننۇر كەنتى باغراش ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى يەر بەلگىسى ماركىسى بولۇپ، مەنزىرىسى ئۆزگىچە، مۇھىتى گۈزەل، قاتنىشى قولاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ يەردە خاس تۇرالغۇ، دېھقان ھويلىسى، مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق ۋە تۈرلۈك مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىدىن تەشكىل تاپقان گۈزەل يېزا-كەنت مەنزىرە لىنىيەسى بار ئىكەن. بۇ يىل 8-ئايدا، بۇ كەنتكە دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت» دەپ نام بېرىلگەن.