قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا، كىچىك ساياھەتچى شۇ جايدىكى ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرىئاشتى، كۈزلۈك ساياھەت تەدرىجىي جانلاندى. يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، مېھمانساراي ياتاق باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى شەھەر ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالدى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا، ساياھەتچى ناخشا-ئۇسۇل نومۇرىنى سۈرەتكە تارتماقتا، دۇكاندار ئوخشاش ۋاقىتتا توردا سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بارماقتا. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، ئىككى ساياھەتچى چىمەن دوپپا تاللاپ سېتىۋالماقتا. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى كەچلىك بازاردا، بىر يايمىچى ساياھەتچىلەرگە ئاسما گىلەمنى كۆرسەتمەكتە.