«جياڭنەن تۇرمۇش ئېستېتىكىسى كۆرگەزمىسى» ئاقسۇدا باشلاندى

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

«قەھرىتان كېچىدە كەلگەن مېھمان» ناملىق يۈرۈشلۈك چىنە-چەينەكلەر.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): خۇش پۇراق ماتېرىياللار، چاي ئەۋرىشكىلىرى، فارفور بۇيۇملار... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جياڭنەن تۇرمۇش ئېستېتىكىسىكۆرگەزمىسى» 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن(مۇزېي)دە باشلاندى.150(گۇرۇپپا)تىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمى جۇڭگو جياڭنەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى نەپىس تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «خۇش پۇراق»، «پۇراش»، «تەم»، «مەنە»دىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، خۇش پۇراق ماتېرىياللار، چاي ئەۋرىشكىلىرى، ھەيكەلتىراشلىق ئۇستىسىنىڭ ئىجادىي قالۇنى، ساپال ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسىنىڭ ئەسەرلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا جۇڭگو جياڭنەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى نەپىس تۇرمۇشى ۋە ئېستېتىكروھىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

جېجياڭ ۋۇيۆ مەدەنىيىتى تارقالغان جاي، ئېسىلزادىلەردىن ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە، قۇرۇلۇش، ئۆي سايمانلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىننەپىسلىكنى ئايرىپ چىقىپ، مول ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى نەپىس، ئېسىل جياڭنەن ئېستېتىكىسىۋەكىلىگە ئايلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە باشلانغان كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن(مۇزېي) يەنە چاي سەنئىتى ماھارىتى كۆرسىتىش ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھاراق قاچىلىرى مەخسۇس تېمىسىدىكىلېكسىيەئۆتكۈزىدىكەن، نەق مەيداندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائاليىتى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا يۈز يىللىق جياڭنەن ئېستېتىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدىكەن. (سۈرەتلەرنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەنتەمىنلىگەن)

«ساھىبجامالنىڭ مەست بولۇشى» ناملىق ھاراق بۇيۇمى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن ئورۇنلاشتۇرغان كۆرگەزمەنەق مەيدانى.

زىشاۋ نېلۇپەر يوپۇرمىقى چاي قاچىسى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن ئورۇنلاشتۇرغان كۆرگەزمە نەق مەيدانى.

مىنگو جېجياڭ ئېقىمىقالۇنى.

بۇ داڭلىق ھەيكەلتىراش، خاڭجوۋ شەھەرلىك ھەيكەلتىراشلىق يۇرتىنىڭباشلىقى لىن گاڭ ياسىغان «ئاسمان پەلەككە تاقىشىش» ناملىق قالۇن بولۇپ، ئىشلىتىپ بولۇنغان، تاشلىۋېتىلگەن سانائەت ماشىنىلىرىزاپچاسلىرىنى كەپشەرلەش، پەرچىنلەش، ۋىنتىلار بىلەن قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلىئارقىلىق ياساپ چىقىلغان.

كۇنچۈ تىياتىرى «مۇدەن شىپاڭى»دىكى كىيىملەر.