ئالتاي رەڭگارەڭ قوينىنى ئېچىپ، ماڭىمەن دەپلا ماڭالايدىغان ساياھىتىڭىزنى كۈتمەكتە

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلۈ ۋېن خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئايدا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى رەڭگارەڭ قوينىنى ئېچىپ، ماڭىمەندەپلا ماڭالايدىغانساياھىتىڭىزنى كۈتمەكتە.

شىنجاڭنى ساياھەت قىلغاندا، تەبىئىيكى قاناسنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە،قاناسنىڭ ئاسمىنىكۆك، سۈيى سۈزۈك بولىدۇ، كۈز ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، كۆل بويىدىكى ئاق قېيىن، قىزىل قارىغاي، ئاق شەمشاد قاتارلىق دەل-دەرەخلەرقىپقىزىلياكى ئالتۇندەك پارقىراپ، سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، كۆڭۈلنىئاۋۇندۇرىدۇ. قاناستا باھارداگۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، يازدايېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆككەتۇتاشقانلىقىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، قاناسنىڭ كۈز پەسلىدىكى رەڭدار مەنزىرىسىدىن قانداقمۇ ۋاز كەچكۈڭىزكېلىدۇ؟

9-ئايدىكى قۇمقاناس يىراقتىكى تاغ، يېقىندىكى دەرەخ، كىچىك ئېقىن، ئوتلاق، قاتمۇقات ئورمانبىلەن قاپلانغان بولۇپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن، جىمجىت كەنتغايىۋى گۈزەل جايغا ئوخشاپ قالغان.

ئالتايغا بارغان كىشى كۆكتوقايغا بارمىسا بولمايدۇ. كۈز كۈنلىرىدىكى كۆكتوقايدا ئىللىق قۇياش نۇرى، كۆپكۆك ئاسمان، تاغ-دەريالار، بۇلۇتلار ئارىسىدىكى چوڭ جىلغىلار، جاھاندىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاق قېيىن ئورمانلىقى ئالتۇن رەڭدە بويالغان بولۇپ، قۇياش نۇرى تاغلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. كۆكسۇ، ئىرىم كۆلى، ئېرتىش چوڭ جىلغىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر بىر جايدا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان مەنزىرە بار.

ئاق قېيىنزارلىقتىلغا ئېلىنغاندا، ئاۋۋال قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەرقاناسنىڭ كۈز پەسلىنى دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەبىئەتنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسىسى دېسەك، قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق كۆڭۈل قويۇپ سىزىلغان ئالتۇن رەڭلىك ماي بوياق رەسىمدۇر. ئورمانلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، كۆز يەتكۈسىز گۈزەل كۆرۈنىدۇ. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭدە،ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل، ئاسمان كۆپكۆك، دەريا سۈيى سۈپسۈزۈك... ئاق قېيىنزارلىق ئىچىدە ماڭغاندا، پۈتكۈل ئورمانلىق ئارىسىدىن ئالتۇن رەڭلىك رومانتىكىلىقتارىلىپ تۇرىدۇ.

تەبىئەترەڭگارەڭ مەنزىرىسىنىڭھەممىسىنى ۋۇسەيتەنگەبەرگەن. ۋۇسەيتەن مەنزىرە تاماشا سۇپىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، جەنۇبىي قىرغىقىدا تېرەك، بوستانلىق، قۇملۇق بىلەن كۆك ئاسمان تۇتاشقان مەنزىرەكۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ؛ شىمالىي قىرغىقى بولسا ئېگىز-پەس تاغلار، رەڭلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ يەر شەكلىدۇر. ئەگرى-بۈگرى ئېرتىش دەرياسى، 10 مىليون يىللىق يارداڭ يەر شەكلى، كەڭرى كەتكەن ئىپتىدائىي ئورمانلىق كەچكى شەپەق نۇرى ۋە دەريا سۈيىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن قىزىل، سېرىق، بىنەپشە، يېشىل، قوڭۇر رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، يارداڭ يەر شەكلىدە چوڭ-كىچىك تاش چوققا، تاش تام، تاش تۈۋرۈكلەر بار بولۇپ،ئاجايىپ مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزداھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل بىر پارچە رەسىمنى نامايان قىلىدۇ.

ئالتايلائەمەس،شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەيۋەتلىكئالۋاستى شەھىرىنىجاھاندا بىر دىيىشكە بولىدۇ. چەكسىز كەتكەن ئۇلۇنگۇر كۆلىدە، ئۇلۇنگۇر كۆلى دېڭىز ئۈستى ئالۋاستى شەھىرىمەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، مول ئېكولوگىيە بايلىقى، گۈزەل كۆل مەنزىرىسى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە سۇ ئۈستى يارداڭ يەر شەكلى ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، دېڭىز ئۈستى ئالۋاستى شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش رايونى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق تۈرلەرقۇرۇلدى. كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، كۆل يۈزىدە قولۋاق ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەقىقەتەن كىشىلىك ھاياتتىكى بىر چوڭ خۇشاللىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.