كۇچا ئالتۇن كۈزدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ جيەنچياڭ): 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن 71 ساياھەتچى كۇچا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى، بۇ، كۇچا شەھىرى 9-ئايدا كۈتۈۋالغان،شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن تۇنجىساياھەت ئۆمىكى ھېسابلىنىدۇ.

«كۇچا خەلقى قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇللارنى كۆردۈم، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى بولغانقۇرۇق ئۈزۈم ۋە ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەرگە ئېغىز تەگدىم، تەسىراتىممۇ ناھايىتى ياخشى» دېدى شەنشىلىك ساياھەتچى جاڭ چيۇگۈي.

  ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان پۈتۈن رايون ساياھىتىدۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىتېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۇچاغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. كۇچا يىنيەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى يۈەن لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9-ئايدا يەنە ئالتە ساياھەت ئۆمىكى كۇچاغاكېلىدىكەن.

كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۇ شەنۋۇ مۇنداق دېدى: «كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدۇق، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۇچا چوڭ جىلغىسىغايېرىم باھادا، باشقا بارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ھەقسىز كىرىش، بارلىق ساقچى، تېببىي خادىملارغاكىرىش بېلىتىنى تولۇق ھەقسىز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئايروپىلان، ئاپتوموبىللارنى ھۆددە ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ساياھەت ئۆمەكلىرىنى كۇچاغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدۇق».

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەتتىن «ئوت چىقىرىۋىتىش»كەتەييارلىق قىلىپ بولغان. پۈتۈن ۋىلايەت كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىسانىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇش، بايرامتەبرىكلەش پائالىيەتلىرىداڭلىق ماركىسى قاتارلىق بەش چوڭ «ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش» پىلانىنى نۇقتىلىق يولغا قويغاندىن سىرت، يەنە مۇۋاپىق پەيتتە كارخانىلارنى شىنجاڭئىچى-سىرتىغا بېرىپ تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەن ھەمدە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ساياھەت يەرمەنكىسى، كۆرگەزمە، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ماركىتىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن، سىرلىق ئاقسۇ» ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ داڭقىنىھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، كۆپ ئۆلچەمدە ئاشۇرغان.