لوپنۇر ناھىيەسى كۈزلۈك يېزا-كەنت بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

 كۈز پەسلىشىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتىمەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى، شىنجاڭىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى لوپنۇر ناھىيەسىگە كېلىپقۇملۇقتىكى توغراقلارنى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا كۈن پېتىشنىتاماشا قىلىش، كۈز پەسلىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپقىلىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى يېزا-كەنت دېھقانلار ئائىلىسى بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، يەنە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە رەسىم سىزىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى لوپنۇرغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسىدە داشى كەنتى دېھقانلار ئارامگاھى پۇقراۋى تۇرالغۇ كوچىسى-گۈلباغ يېزىسىدا مال سېتىۋېلىش، مېۋە ئۈزۈش تەسىراتى-تارىم يېزىسى يول بويى «مۇزىيى»-لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى-دۆڭقوتان يېزىسى خوئىرجيا چوڭ بازىرى قاتارلىق يېزا-كەنت دېھقانلار بىر كۈنلۈك ساياھەت تۈرىيولغا قويۇلدى، ساياھەتچىلەر بۇنىڭدىن غىزالىنىش، قونۇش، ساياھەت قىلىشتىكى پۈتۈن جەريانلىق ساياھەتنى ھېس قىلالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى «لوپنۇر ساياھىتىيېتەكچىلىك كارتىسى»بېسىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن، يېتەكچىلىككارتىسىدالوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانخانا، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھى، ساياھەت پۇقراۋى تۇرالغۇ ۋە چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭئالاقىلەشكۈچىسىۋە ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرى تەمىنلەنگەن، يەنە لوپنۇر نېنى، لوپنۇر قوي گۆشى، لوپنۇر كەندىرى چېيى، قارامتۇلقىزىل ئالقات، پاختا، نەشپۈت مەلھىمى قاتارلىق خاس ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىش دۇكانلىرى ئەسكەرتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ لوپنۇردىكى ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتلىرىغابېرىپ داكا قىلىپ، لوپنۇردا قانغۇچە ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن زور قولايلىق يارىتىلغان.