«پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش.قاناس» مەخسۇس پويىزى قاتنىدى

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، Y939 قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغالدى، 202 ساياھەتچى «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش.قاناس» ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ بېيتۈنگە قاراپ ماڭدى. بۇ، 2020-يىلى شىنجاڭدا قاتنىغان كۈز، قىش پەسىللىك تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يىل ئاخىرىغىچە يەنە 25 ساياھەت مەخسۇس پويىزى كەينى ـ كەينىدىن قاتنايدۇ.

ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىققان نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى يان تېلېفونىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتاتتى، بەزىلىرى ھەمراھلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ كۈلۈشەتتى. كېيىنكى ئۈچ كۈندە، ئۇلار قاناس، قۇمقاناس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

«مەن تېخى بۇ پەسىلدە قاناسقا بېرىپ باقمىغان، بۇ قېتىم پۇرسەت كېلىپ، دوستلىرىم بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا ماڭدىم.» دېدى 62 ياشلىق ساياھەتچى ليۇ چۇنخۈي تەقەززا بولغان ھالدا.

«قاناس ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى قىزغىن سېتىلدى، بىز بۇنىڭغا ئاساسەن يەنە ئىككى مەخسۇس پويىزنى ۋاقىتلىق كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەخسۇس پويىزنىڭ بېلىتى ناھايىتى تېز سېتىلىۋاتىدۇ، ھازىر سېتىش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.» دېدى شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىن ۋېن.

ھازىرقى پەسىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشتىكى ساياھەت مەھسۇلاتىنى پىلانلىدى، بۇلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان شەرقىي شىنجاڭ، دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مەخسۇس پويىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە جەمئىي 26 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدە 24 پويىز، شىنجاڭدىن چىقىدىغان يۆنىلىشتە ئىككى پويىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 تۆۋەنلەپ، ساياھەتچىلەرگە ئەڭ زور دەرىجىدە پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

لىن ۋېننىڭ دېيىشىچە،ھازىر ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭلىقلارنى ئاساس قىلغان، تەشۋىقات سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى مەزگىلدە شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. «<1 ـ ئۆكتەبىر> دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز سەككىز ساياھەت مەخسۇس پويىزى لىنىيەسىنى لايىھەلىدۇق، ئىشىنىمەنكى، بۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە زور تۈركۈمدىكى شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.»