«تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» باش تېمىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇچتى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

 ئۈزۈم لىق تولغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كەلدى! 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» باش تېمىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

«تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» باش تېمىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بۆلمە ئىچى كۆرۈنۈشى.

ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىلەن خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بىرلىكتە«تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» باش تېمىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى يولغا قويغان. باش تېمىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانيولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ يۈك-تاقجازىسى، ئورۇندۇقى، شۇنداقلا ياستۇق لۈڭگىسىدە «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى ___ يېپەك يولىدىكى گۆھەر تۇرپان سىزنى قارشى ئالىدۇ»غا مۇناسىۋەتلىك پىلاكات ۋە تۇرپاننى ساياھەت قىلىش دوۋيىن ئىككىلىك كودى بار بولۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىپلا، تۇرپاننىڭ مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايدىكەن. بۇ B3377 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىنجاڭ ئىچىگە ئۇچۇپلا قالماي، يەنە شىئەن، تيەنجىن، كۆكخوت، خاڭجوۋ، چۇڭچىڭ، خەيكوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە تۇرپاننى ساياھەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. «باش تېمىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار تۇرپانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا باشلىدى، ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى، يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرسىلا تۇرپان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ» دېدى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

«تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» باش تېمىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بۆلمە ئىچى كۆرۈنۈشى.