شىنجاڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدە 350 تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى «كاتتا زىياپىتى» بېرىدۇ

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خاۋ يۈ): ساياھەت بايلىقى مول بولغان شىنجاڭ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە 350 تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى يارىتىدۇ، مول ھوسۇل ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، ئاقىل ساياھىتى قاتارلىق يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئالتۇن كۈزدە ئىلى يايلىقى يېشىللىققا پۈركەندى، كىگىز ئۆيلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلار دولقۇنلىنىپ، كاككۇكلار سايرىدى؛ تارىم ئويمانلىقىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىكۈز ۋە قىشلىق ساياھەت پەسلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن ساياھەت «تىزىملىكى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 350 تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھازىر دەل ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، «ئوت يۇرتى» تۇرپاندا 9-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئەڭ گۈزەل ئۈزۈم پەسلى» ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىش، ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ساياھەتچى لى فاڭ ئارىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، ھەر خىل ئۈزۈملەرنى تېتىپ، ئۈزۈم مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى، «مۇشۇ پەسىل سالقىنراقكەن، قاتناشمۇ قولايلىق ئىكەن».

تۇرپان شەھىرى ھېس قىلىش، قاتنىشىش ئاساس قىلىنغان تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئىستىراھەت ساياھىتى، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىق باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ مەنبەلىك تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى. ئالتاي بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى مىليونلىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي قىشلاققا كۆچۈپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قىشلىق دۇڭزەي بايرىمىدا، ئات ئۈستىدىكى ئۇسسۇلدىن يېقىن ئارىلىقتىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا، كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا، يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر تەرەپلىمە نامايەن بولىدۇ... كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى بۇ كۈز پەسلىگە سىڭدۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ قاردىن ھۇزۇرلىنىشقا، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز باش تېما پائالىيىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مول بولىدۇ، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى، قار تېيىلىش چەمبىرىكى، ئاپتوموبىللارنى سېيرىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ھېس قىلىش تۈرلىرى نامايەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ «يان تېلېفوندا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنىڭ رەسمىي تورغا چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي سانلىق مەلۇمات «بۇلۇت تېرمىنالى»غا چىقىرىلدى، ساياھەتچىلەر «غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

ساياھەت بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى توردا ئالدىن كېلىشىپ، ۋاقتىقا بۆلۈپ باغچىغا كىرىش، ئەسلىھەلەرنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.