ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دالا مەنزىرە رايونلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年09月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، مەدەنىيەت-ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى قاتارلىق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30دىن ئارتۇق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قايتا ئېچىلدى.

ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، كارخانىلار يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، «ھۆكۈمەت ئازراق تولۇقلاش، كارخانىلار ئازراق تۆۋەنلىتىش» ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىئاشۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىكۆپەيتىلىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇندى.

ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسى، بۇرچىن ناھىيەسى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى، بۇرچىن ناھىيەجۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان مەنزىرە كوچىسى، قابا ناھىيەئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەئۇلۇڭگۈر كۆلى مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەكۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى، كۆكتوقاي ناھىيەبىنخې مەنزىرە رايونى قاتارلىق 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.

ھازىر ئالتاي ۋىلايىتى مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىيياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لەردىكى مەنزىرە رايونلىرىمۇ تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىقانات يايدۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى ۋە بازارنىڭ جانلىنىشىغا ئىشەنچ، كۈچ توپلىماقتا.