شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

日期:2020年09月13日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىدىكىئۈزۈمزارلىق ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ما جيەنلىن خوتۇنى بىلەن ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا كەلدى. «بىز باراڭ ئاستىغا تىزىلغان 100 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈم سورتىنى خالىغانچە تېتىپ باقتۇق، نۇرغۇن يېڭى ئۈزۈم سورتىنى مەن كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن» دېدى ئۇ.

بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر 100 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈمنى تېتىپ كۆرمەكتە.

شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرىدىكى بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، يارغول قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ۋە يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا «ئەڭ گۈزەل ئۈزۈم پەسلى. تۇرپان سىزنى قارشى ئالىدۇ» تېمىسىدا سەككىز تۈرلۈك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىجەلپقىلىندى، بۇ، شۇ جايدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى يۇقۇمدىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر ھېسابلىنىدۇ.

قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكىئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى.

9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، پىچان ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا بىر مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، 100دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا ئويۇننى كۆردى.

سانجى خۇاشىڭ يوۋيۈگۇ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر مېۋە ئۈزمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى سانجى خۇاشىڭ يوۋيۈگۇمەنزىرە رايونىدا، مىڭغا يېقىن ساياھەتچى كۆكتات ئۈزدى، سانجى شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئائىلىسىدىكىلەر، بالىلىرىنى ئېلىپ ساياھەتكە كەلدى.«بۇ يەر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە كېلىشىگە بەك ماس كېلىدىكەن، بىر تەرەپتىن ئۈزگەچ، بىر تەرەپتىن بالىلارغا دەرەخ ۋە مېۋىلەرنى تونۇشتۇرساق، بالىلارمۇ بەك قىزىقتى»دېدى سانجى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ شۇەينى.

سانجى خۇاشىڭ يوۋيۈگۇمەنزىرە رايونىدا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىللە مېۋە ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

سانجى خۇاشىڭ يوۋيۈگۇمەنزىرە رايونىدا، بالىلارقاپاق بارىڭىئاستىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىيۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدە،ھەر خىل رەڭدىكى گۈللەر، شۇنداقلا قەھۋەخانا ساياھەتچىلەرنى خۇشال قىلدى .«ئۆيۈمدىكىلەرنى ئېلىپ كەلدىم، مۇنداقلا سۈرەتكە تارتىپ ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويسام، نۇرغۇن دوستلار ديەنزەن قىپتۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىئاھالىسى ياڭ گۇاڭ.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىيۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدىكى گۈل دېڭىزى.

«بىر تەرەپتىن سەھىيە مۇھىتىنى تۈزەش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ۋە يېتەكلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ گۈزەل مۇھىت، ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى يۇڭفېڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازارباشلىقى جاڭ جىدۇڭ.