ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى

日期:2020年04月28日
来源:天山网
【字体:

يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق «سېتىۋېلىش» كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: «بورتالا ئوبلاستى <ساياھەتچىلىك + يېزا ئىگىلىكى> يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، خاس ساياھەت تاۋارلىرى سۈپەتلىك ماركىسى بەرپا قىلدى. ھازىر، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 11 مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسىدە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت نۇقتىسى بار، بۇ يىل يەنە كۆپ خىل تىجارەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ» دېدى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەت كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيەن.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەت ھەمراھ سوۋغاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىشىش، خاسلىشىش، سۈپەتلىك ماركىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش بويىچە بىر تۈركۈم تىجارەت مەركەزلىرىنى مەركەزلىك ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شارائىتى بار 3A دەرىجىلىك (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىدىكى تىجارەت مەركەزلىرىگە كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈش، تىجارەت باشلاپ تىجارەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2021 - يىلىدىن بۇرۇن، A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى ۋە شارائىتى بار ئىستىراھەت ساياھەت تىجارەت سورۇنلىرىدا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت رايونى (پونكىتى، دۇكىنى، نۇقتىسى) بىلەن تولۇق قاپلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «سېتىۋېلىش» كەمتۈكلۈكى ھەقىقىي تولۇقلىنىپ، ساياھەت قىلىپ مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىنىڭ قولايلىشىشى ۋە شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. 2022 - يىلىغا بارغاندا، «داڭلىق، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى . شىنجاڭ سوۋغىسى» تەشۋىقات شوئارى مەركەزلىك ياڭرىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خاس ساياھەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساياھەت ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ.

بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى تىجارەت دائىرىسىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىشىگە ئىلھام بېرىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ھەم جەمئىيەت كاپىتالىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار، پۇقراۋى ساياھەت كارخانىلىرى، سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇش، پاي كونترول قىلىش، قوشۇۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ تىجارەتكە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، نامرات كەنتلەردىكى بېيىش باشلامچىلىرى ئالدىن تىجارەتكە قاتناشتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈپ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس رايونى (مەخسۇس پوكىيى) ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا ھەقسىز ئىشلىتىشكە بېرىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مال مەنبەسى جەھەتتە، «كىم تىجارەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلسا، شۇ مال كىرگۈزۈشكە تەشكىللەش» پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرى - مەنزىرە نۇقتىلىرى جەمئىيىتى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بازارلىق، سۈپىتى بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مال مەنبەسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، بىرلىككە كەلگەن مال بىلەن تەمىنلەش يولى سۇپىسى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار ئېھتىياجىغا قارىتا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى تېخنىكا، جابدۇق سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەش تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ سانى، سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.