موڭغۇلكۈرە يۈخۇ كۆلىدىكى مۇزلار ئېرىپ، ھەممە يەر كۆپكۆك كۆرۈندى

日期:2020年04月28日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر قايسار بورنال خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى موڭغۇلكۈرە يۈخۇ كۆلىدىكى قار-مۇزلار ئېرىپ، بىر قەۋەت نېپىز كۆك مۇز ھاسىل بولۇپ، سۇ يۈزىدە لەيلىدى، بۇ جاي ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

موڭغۇلكۈرە يۈخۇ كۆلى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىنىڭ50 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاقياز جىلغىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 10 نەچچە كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 90 نەچچە مېتىر كېلىدۇ. ھەر يىلى 4-ئاي كۆل يۈزىدىكى مۇزنىڭ ئېرىش مەزگىلى بولۇپ، ئەتىياز، ياز پەسلىدەكۆل سۈيى پەسىل ۋە ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدەقۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشىنىڭئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىنكۆل سۈيىنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ كۆل «رەڭگى ئۆزگىرىدىغانكۆل» دەپ ئاتالغان.