سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل ساياھەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2020年04月27日
来源:天山网
【字体:

«بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلدى

سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل ساياھەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا سۇپا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

«بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۈرى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىش جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنىڭ ۋاقتىدا، ئەتراپلىق بولماسلىقى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى مەركەز قىلىپ، «ساياھەتتىن ئىلگىرىكى، ساياھەت جەريانىدىكى، ساياھەتتىن كېيىنكى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا» يەنى ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ھەم ماركېتىڭ سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل ساياھەت سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سۇپا يېقىندا تورغا چىقىرىلىپ تىجارەت باشلايدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى قۇرۇش ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، ئالاقە تورى ئۇچۇر دەۋرىدە ئاقىل ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پايدىلىق ئىزدىنىش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاقىل ساياھەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، رەقەملەشكەن ئۇچۇر سۇپىسى تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسى ۋە ئومۇمىي كىرىش ئېغىزى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم سىستېمىسىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى جەملەپ، ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل، توغرا، ۋاقتىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى كۆزنەك ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. سۇپىنىڭ توپلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلىرىنى توپلاپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۇپىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەسلىھەت سوراش، ئەرز - شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مېھمانساراي زاكاز قىلىش، توردا راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پائال ماسلىشىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ رەقەملىك دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى شىنجاڭدا ھەممە ئادەم بىلىدىغان قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت سۇپىسى بىلەن بولغان سانلىق مەلۇماتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملاشقان، قېلىپلاشقان سانلىق مەلۇماتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى؛ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ساياھەت - كۈتۈۋېلىش قىسقا ئۇچۇرى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇپىنىڭ تونۇلۇش نىسبىتى، ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.