شىنجاڭ باغراش كۆلى: قومۇشلار قايتا كۆكلەپ، پەسىل قۇشلىرى پەرۋاز قىلدى

日期:2020年04月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىدە قۇشلار كۆل يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ، قومۇشلار قايتا كۆكلەش مەزگىلىگە كىردى، 600 مىڭ مو يەردىكى سۇلۇق يەر قومۇشلىرى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆپىيىپ ماكانلىشىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايىغا ئايلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىقسۇ كۆلى بولۇپ، ئاق قۇ، ياۋا غاز، ئۇقار قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار ئىكەن، ھەر يىلى باھاردا ئۇلار گۈزەل باغراش كۆلىگە كېلىپ كۆپىيىپ ماكانلىشىدىكەن.