بۇرچىن ناھىيەسى: قۇشلار سايراپ، گۈللەر ئېچىلىپ، باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى مەزگىلگە كىردى

日期:2020年04月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لو ياڭشۆ خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر قۇشلار سايراپ، گۈللەر ئېچىلىدىغان، دەل بىر يىلدىكى باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى مەزگىل. شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەتمەنزىرە رايونلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ تىجارەت باشلىدى، ساياھەت بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتىدە، نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتۇپ سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندى. چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتىنىڭ ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، غەربىي شىمال ئالاھىدىلىكىگە ئىگەبېلىقچىلىق كەنتىدۇر، شۇنداقلا بۇرچىن ناھىيەسى بەرپا قىلغان تۇنجى «ئىستىراھەت بېلىقچىلىق كەسپى» ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. چىلىتەن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر چوڭ قىزىل بېلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېقىپ كۆپەيتكەن ھەم تۇخۇم تۇغۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەن باقمىچىلىق بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەشۋىقات سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان بولدى، ھەم بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى.

بېلىقچىلىق كەنتى سەھرا مەنزىرىسى ساياھىتىدىن باشقا يەنە قىزىل بېلىق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، بىر ئورۇندا مەركەزلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ساياھەت-ئېكىسكۇرسىيە قىلىشنى ئاساس قىلغان چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمە سارىيى بەرپا قىلىندى، كۆرگەزمە سارىيى ساياھەتچىلەرنى بېلىق مەدەنىيىتى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە بېلىق تۇتۇشتىكى كونا جابدۇق، كونا سۈرەت، كونا ھۆججەت-ماتېرىيال قاتارلىق ئەمەلىي ساقلانما بۇيۇملار،ھەمدە ئوپتىكىلىق سۈرەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە چوڭ قىزىل بېلىقنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تېخىمۇ كونكرېت، ئوبرازلىق نامايان قىلىپ بەردى. ھازىر، كۆرگەزمە سارىيى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىدىكىمۇھىم ئۆتەڭگە ئايلاندى.

يېزا-كەنت ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ۋە يېزا-كەنت ئىستىراھەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزا-كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.