ئاقسۇ 10 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنى ساياھەتچىلىكتە جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ

日期:2020年04月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دوڭ چېڭجۇڭ، ۋېي شياۋيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركىزى ئارقا-ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 10 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، ھەم ئىككى ھەپتىلىك سىنغا ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خاس ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرىدىكەن.

«كۇچا خەلق ناخشىلىرىۋە كۇچا سەنىمىنى سىنغا ئالغاندا، بىر خىل قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋاسىتىچىسى كۆپەيگەندەك بولدى.» دېدى كۇچا خەلق ناخشىلىرى ھەۋەسكارى، كۇچا شەھىرىدىكى خەلق سەنئەتكارى ئېزىز توختى.

«ئاۋات ناھىيەسى ئاۋام سەھنىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋارىسلىرى، خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە يېزا-كەنت ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، دولان مەشرىپىنى ئاساس قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، نامايان قىلىدىغان نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ، مەكتەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، بازار، كەچلىك بازار قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتكە بولغان ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش سالمىقىنى زورايتتى، ھەم ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيتتى.» دېدى ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دولان مەشرىپى، كۇچا سەنىمى، ئۇيغۇر پالاز توقۇش ھۈنىرى قاتارلىق 111 خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بار ئىكەن.