قاناس مەنزىرە رايونى: شىنجاڭ ئىچى ساياھەت بازىرىغا كۈچ قوشتى

日期:2020年04月26日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر رېن جياڭ خەۋىرى): «بىز يېڭىدىن <يۇرتداشلارنىڭ يۇرتىنى ساياھەت قىلىش> ئالاھىدە ئېتىبارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ساياھەتچىلەرنى قاناس مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدۇق» دېدى 4-ئاينىڭ 13-كۈنىشىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، شىنجاڭ قاناس خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دىڭ يۆيۆ تونۇشتۇرۇپ.

«يۇرتداشلارنىڭ يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» ئالاھىدە ئېتىبارلىق پائالىيىتىنى قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، بۇرچىن ناھىيەسى، قاناس ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىۋە قاناس دۆلەت ساياھەت كوپىراتىپى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى يەرلىك ساياھەتچىلەرنى ئەڭ ئېتىبار باھا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى يۇرتىدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ شىنجاڭ ئىچى ساياھەتچىلىكىگە بولغان بۇ تۈرتكىلىك رولى ساياھەت كەسپىنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن باشلاپ، قاناس مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىقئىستېمال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، مەنزىرە رايونىدا ساياھەت سۇس مەزگىلى بىلەت باھاسىنى، يەنى ھەربىر ئادەمگە 100 يۈەنلىكبېلەت باھاسىنى يولغا قويدى.

  ھازىرمەنزىرە رايونى ئاساسلىقى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كوللېكتىپ ساياھەت ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردىكىۋە تور سىرتىدىكىسېتىش يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ئۆلچەملىكساياھەت تەشۋىقاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تۇپرىقى پاكىز قاناس. قار ماكانى ئالتاي» ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى.

«بىز ئېتىبارلىق مەھسۇلاتلارنى يولغاقويۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغاندىن باشقا، يەنە تۈرلۈك تاراتقۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ۋە ساياھەتچىلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئەۋزەللىكىنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەللىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردۇق» دېدىدىڭ يۆيۆ.

ھازىرقاناس مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت بازىرىنى تۈزەش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، يەڭ سودىسى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، ساياھەتچىلەر كۆپرەك ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ ساياھەتچىلەر ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت بېسىق مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئېقىمغا بۆلۈپ يېتەكلەشجىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت رايونىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.