بايىنغولىن ئوبلاستى 360 مىليون مەبلەغ سېلىپ ساياھەت فېرمىسى بەرپا قىلىدۇ

日期:2020年04月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، خېجىڭ، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى (بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرى جوۋ خەيشا خەۋىرى) ياپيېشىل چىملىقتا، بىر توپ ئىنەك بەخىرامان ئوتلاۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ فېرما مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى؛ ئارقىدىن سۈت مەھسۇلاتىنىڭ زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تۈرلۈك سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تەگدى؛ ئەڭ ئاخىرىدا سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئويناپ، ئورگانىك سەي-كۆكتاتلارنى ئۈزدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۇنجى «ساياھەت + چارۋىچىلىق» تۈرى بولغانشىنجاڭ ۋەنرۇيخې چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىئېكولوگىيەلىك ئورگانىك ھېس قىلىش ساياھەت فېرمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسى گۇئېرۋىنسۇمىن ئېنەك مەيدانىدا قۇرۇلۇش باشلىدى.

بۇ تۈرنى شىنجاڭ رۇييۈەن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تيەنمياۋ دېھقانچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ بەرپا قىلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5800 مو كېلىدۇ.

بۇ تۈر ئېنەك باقمىچىلىق رايونى، يەم-خەشەك تېرىش رايونى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، چارۋىچىلىق مەيدانى مەنزىرىسىنى نامايان قىلىش رايونى، ئورگانىك ئۈزۈش رايونى، ئائىلىۋى پائالىيەت رايونى قاتارلىق 13 رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، سانائەت ۋە ئىستىراھەت ساياھىتىنى بىر گەۋدە قىلغان ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك ھېس قىلىش ساياھەت فېرمىسى، بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر 2021-يىلى 12-ئايدائىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، قۇرۇلغاندىن كېيىن بىۋاسىتە مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتىدىكەن.