شىنجاڭ ئارا تۈرۈك: ئۆرۈك چېچەكلىرىدىن تارىغان قويۇق باھار ھىدى

日期:2020年04月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىزيۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جىن جۈنجياۋ، جاۋ چاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئايدا، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىسى كېپىنەك جىلغىسىدىكىئۆرۈكلەر چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. كېپىنەك جىلغىسىدا ياۋا دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 300 تۈپتىن ئارتۇق يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ياۋا ئۆرۈك دەرىخى بار. كۆپكۆك ئاسماندا نەچچە ئون مىڭ چاقىرىمدا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى، ئۆرۈك دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قاتمۇقات ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى خۇددى شەپەق كەبى جۇلالىنىپ، كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. باھاردىكى مەيىن شامال بارچە شەيئىنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان خۇش ھىدلىرىنى ھەر يانغا تارىتىپ، دىللارنى مەستخۇش قىلدى.