يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى بىر مەيدان قىزىقارلىق قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، قار تېيىلىش پەسلىنى ئاخىرلاشتۇردى

日期:2020年04月17日
来源:天山网
【字体:

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى يانتۇلۇقتىن «ئۇچۇپ»ئۆتمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قىزىقارلىق چاڭغاتېيىلىشمۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى مۇسابىقە يولىدىن سەكرەپ چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ بېشىدىن «ئۇچۇپ» ئۆتتى.

شۇ كۈنى، يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، پائالىيەتكە قاتناشقان چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ناھايىتى خۇشال ئوينىدى.

يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ 2019/2020-يىللىق قار پەسلى رەسمىي ئاياغلاشقان، قار مەيدانى قىزىقارلىق چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، سۇ تېيىلىش شادلىق مۇزىكىسىقاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا يەنە بىر قېتىم خۇشاللىق بېغىشلىغان، پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى2019/2020-يىللىق قار تېيىلىش پەسلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

قار پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 6-نومۇرلۇق ساياھەتتە ئىشلىتىلىدىغانيۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگون ساياھەتچىلەرنى نورمال كۈتۈۋالىدۇ، ئاسما ۋاگوننىڭ ئېتىبار بېلىتى 70 يۈەن/ئادەم بولىدۇ؛ 1.2 مېتىردىن تۆۋەن بالىلار ۋە65 ياشتىن ئاشقانياشانغانلارنىڭ بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. چاڭغا تېيىلىش مۇلازىمەت رايونىدا پەقەت 6-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگون ۋە خۇشاللىق جىلغىسى چاڭغا تېيىلىش يولى ئېچىۋېتىلدى، چاڭغا تېيىلىش مۇلازىمىتىدە پەقەت 2022 ھەممىباپ كارتىسىۋە يىپەك يولى قار تېيىلىش پەسل كارتىسى بار خېرىدارلار كۈتۈۋېلىنىدۇ، باشقا چاڭغا تېيىلىش خېرىدارلىرى ۋاقتىنچە كۈتۈۋېلىنمايدۇ.