باركۆل يايلىقىدا تۇرنىلار ئۇسسۇلغا چۈشتى

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داۋۇت رىشاتخەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر توپ لەيلىلىك تۇرناشىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل يايلىقى ئاسمىنىدا لەرزان ئۇچۇپ ئوينىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۈمەنلىگەن لەيلىلىك تۇرنا باركۆل يايلىقىغا ئۇچۇپ كېلىپ، بۇ يەردەئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى. باركۆليايلىقى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆچىدىغان ۋە ماكانلىشىدىغان جايلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا زور تۈركۈمدىكى قۇشلار باركۆل يايلىقى سۇلۇق يېرىگە كېلىپ دەم ئالغاچ ئوزۇقلىنىدۇ، كۆپىيىپ ماكانلىشىدۇ.