ئۇلار كەلدى! شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرى شىنجاڭدا باھارنى ئويغاتتى

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

باھار كېلىپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغاندى.ھەر يىلى 3-ۋە 4-ئايدا،نەچچە ئون مىڭلىغان چوڭ، كىچىك ئاق قۇ، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلارھىندىستان ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىپ توپ-توپ بولۇشۇپ شىنجاڭ بايىنبۇلاق ئاق قۇ كۆلىدە ياشاپ كۆپىيىشكە يول ئالىدۇ.بۇ قۇشلار بۇ جايغا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ماكانلىشىپ، 11-ئايلاردا كۆچۈشكە باشلايدۇ.

شىنجاڭدىكىھەر قايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسايىن ياخشىلىنىپ،تەبىئەت دۇنياسىدىكى سانسىزلىغان كىچىك زېرەكلەرنى بۇ جايغا «چاقىردى».باھاردا قۇياش تەپچىپ، ھاۋا ئىللىپ باھار ئەلچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.ئۇلار قۇم تاغ، قارلىق تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ،بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ شىنجاڭ قابا ناھىيەسى ئاقچى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى زور بىر تۈركۈم ياۋا قۇشلارنى كۈتۈۋالدى.ئۇلار بۇ جايدا ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەپ، كۆڭۈللۈك ئويناپ،ئادەم بىلەن تەبىئەت، بارلىق مەۋجۇداتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىق ھەم گۈزەللىك ئەكىس ئەتكەن بىر پارچەئېكولوگىيە كارتىنىسىنى ھاسىل قىلدى.

پەرۋاز قىلىۋاتقان يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك

ئاق قۇلار كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا

بۇ جايغا ماكانلاشقان يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك

ھاڭگىرت، كۈلرەڭ غاز، ئاق قۇ، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىقلار توپ-توپ بولۇپ ئوينىماقتا

باش باھار مەۋسۇمىدا، شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى قىزىل ساي سۇ ئامبىرىدا قار-مۇزلار ئېرىپ،ئارقا-ئارقىدىن شىمالغا قايتقان ئاق قۇ، سېرىق ئۆردەك، تادورنا ئۆردىكى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى،بۇنىڭ بىلەن كۈندىن-كۈنگە ئويغانغان سۇلۇق يەر ھاياتىي كۈچكە تولدى.

ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەن قۇشلار باھار ئۇچرىشىشىدا جەم بولدى

شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرى سۇ يۈزىدە سەيلە قىلماقتا