4-ئايدا ئىلى دەريا ۋادىسى قويۇق باھار ھىدىغا تولدى

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى كان يېزىسىدا ئۆرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلىدى

قورغاس ناھىيەسى جۇڭخۇا فۇشۇ تېغىدا ياۋا ئۆرۈك چېچەكلىرى ھەممە جاينى قاپلىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ چىڭخۇا فوتوسى، خەۋىرى): «ئوت چۆپلەر قويۇق ئۆسۈپ تورغايلار ھەريان ئۇچۇپ، گۈللەر ئېچىلىپ سۆگەتلەر ياشاردى». 4-ئايدا ئىلى دەريا ۋادىسى بىر يىلدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالىدۇ، مەيلى ئېتىز باشلىرى، يېزا، شەھەر بولسۇن ھەممىلايەردە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ئەتراپتا كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە نامايان بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى دەرياۋادىسى ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلىپ، تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە، ئىلى دەريا ۋادىسىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەنساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى ئىلى ساياھەتچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

تۈرگىندە باھار

ئۇسۇن تېغى باغرىدا ياۋا كۈركۈم گۈللىرى ئېچىلدى

ھەرىلەر شىرنە يىغماقتا

گۈل ھىدىغا شەيدا جانۋارلار

غۇلجا شەھىرى خەلق باغچىسىدىكى كۈركۈم گۈللىرى

يېشىللىققا پۈركەنگەن غۇلجا شەھىرى خەنبىڭ باغچىسى

غۇلجا شەھىرى قازانچىدا باھار

چېچەك سەيلىسى قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر