تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرياڭ شياۋچيەنفوتوسى، خەۋىرى) 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بوشلۇقتىكى ئوتلاقتا تارتىلغان چوڭ كۆلەملىك شىرىشگۈلى باھار پەسلىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.
شىرىشگۈلىنىڭ يەنە بەيفەن گۈلى دەيدىغان نامى بار بولۇپ، يەرلىكتىكىلەر شىرىشگۈلى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى قار تېخى ئېرىمىگەن چاغدىلائۇلار تۇپراق ئاستىدا ئويغىنىشقا باشلايدۇ، ئەتىيازدا قارلار ئېرىگەندە، ئۇلار نېپىز مۇز قاتلىمىدىن يۇمران غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى چىقىرىپ، سۇس رەڭلىك گۈل بەرگىلىرى ئېچىلىدۇ. ئۇلار يايلاقتىكى ئەڭ بالدۇر ئېچىلىدىغان گۈل بولۇپ، بىر كېچىدىلا تاغ باغرىنى قاپلاپ كېتەلەيدۇ.