ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بەش يىلدا 20 مىليارد يۈەن مەخسۇس ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ

日期:2020年04月12日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى

بەش يىلدا 20 مىليارد يۈەن مەخسۇس ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجيا چۈنشىياخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى قوللاش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كەلگۈسى بەش يىلدا 20 مىليارد يۈەندىن كەم بولمىغان مەخسۇس ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، دېھقانلار ئارامگاھى، يېزا - كەنت ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇسىنى يۆلەش، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، «ساياھەت+پۇل مۇئامىلە» ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەت كەسپىگە بولغان كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان. ھازىرغىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى ساياھەت كەسپىگە 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل بەرگەن.

كەلگۈسى بەش يىلدا، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى 20 مىليارد يۈەندىن كەم بولمىغان مەخسۇس ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت كەسپى، ساياھەت ئەمەلىي گەۋدىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، چىقىم راسچوت كاپالىتى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئاقىل ساياھەت قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىنى ھەر تەرەپلىمە، بىر گەۋدىلەشكەن، يۇقىرى قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلېلىم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بىلەن پۇل مۇئامىلىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كىرېدىت مەدىتى، ساياھەت خاس كىچىك بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان كەسىپ بىلەن پۇل مۇئامىلىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.