پامىر ساياھەت خاتىرىسى: ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى سىرلىق تۇيغۇنى ئىزدەش

日期:2020年04月10日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى: پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرق تەرىپىدە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋاچە يېزىسى چېگراسىداپەنلۇڭغا ئوخشايدىغانبىر تاشيول بار بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 75 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يولدا600دىن ئارتۇق ئايلانما يول بار، 2019-يىلى 6-ئايدا ئاسفالىتياتقۇزۇلۇپ، 7-ئايدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شوپۇرلار «ئۇچقاندەك ئۆتكەن ھايات» فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، چوقۇم شىنجاڭغا كېلىپبۇ يولنى ھېس قىلىپ باققۇسىۋەئىزدەپ تاپقۇسى كەلدى، ئۇلار بايىنبۇلاقنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدەبۇ قەدىمىي يولنى بايقىدى! بىزبۇ يولدىنغەربكە قاراپ مېڭىپ،مۇزتاغ چوققىسى ئاستىدىكى تاش شەھەرگە يېتىپ كېلىپ، بىر مەيدان «بۈركۈت ئىزدەش سەپىرى»نى باشلىدۇق.

  «ئېگىز تاغ مىللىتى» بولغان تاجىك مىللىتى ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر كېلىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ. بۈركۈت تاجىك مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى بولۇپ، باتۇرلۇق ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان، بۈركۈت ئۇسسۇلى ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسسۇلى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. داپ ۋە بۈركۈت نەيبولسا بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسلىق تەڭكەش چالغۇسىدۇر. بىز بۈركۈت نەي ياساش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، بۇنەي بۈركۈتنىڭ قانات سۆڭىكىدىن ياسالغان بولۇپ،ئاۋازى ھەقىقەتەن ياڭراق ۋەجاراڭلىق ئىدى!

  يەنە غەربكە قاراپ مېڭىپ«جۇڭگو-پاكىستان» چېگرالىنىدىغان جاي— قونجىراپ پورتىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىنودا مەنزىرە كۆرۈنۈشى ئېلىنغان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دۆلەت دەرۋازىسى ئىكەن.

  بۇ يەرنىڭ شارائىتى جاپالىق، مۇھىتى ناچار. نۇرغۇن كىشىلەر: شىنجاڭغا كەلمىسە ۋەتەننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، قونجىراپقا كەلمىسە ۋەتەننىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دېيىشىدۇ. بىز بۇ يەردىكى ھەربىيلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتۇق! «ھەربىر كۈنىمىزنىڭتىنچ ئۆتۈشىئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگەئېلىپئالغا ئىلگىرىلىشىدىن كەلگەن ئىكەن».