كورلا شەھىرىنىڭ كوچا-رەستىلىرىدە چېچەك سەيلىسى قىلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

日期:2020年04月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار چۆ.خۇرە، ۋېي يىنخې فوتوسى، خەۋىرى): 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ كوچا-رەستىلىرىدىكى «تاماشا قىلىدىغان» نەشپۈت دەرەخلىرىدە ھۈپپىدە ئېچىلغان ئاق چېچەكلەر كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ كوچا-رەستىلىرىدىكى نەچچە مىڭ تۈپ «تاماشا قىلىدىغان» نەشپۈت دەرەخلىرى چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرىنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

كورلا شەھىرى شەھەرنى كۆكەرتىشتە ئەسلىدىكى نەشپۈت دەرىخىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2013-يىلىدىن باشلاپ نەشپۈت دەرىخىنى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈپ تىكىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 يىلدىن ئاشقان نەچچە مىڭ تۈپ نەشپۈت دەرىخىنى يېڭى شەھەر جەنۇبىي يولى كۆكەرتىش بەلبېغى، ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە تاماشا قىلىش بەلبېغى، خۇڭيەن دەرياسى مەنزىرە تاماشا بەلبېغى، بىڭخۇ چوڭ يولى، نەشپۈت چوڭ يولى، نەشپۈتزارلىق ۋە نەنكۇ چوڭ يولى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈرۈپ تىكتى. نۆۋەتتە، بۇ كۆچۈرۈپ تىكىلگەن نەشپۈت دەرەخلىرى كورلا شەھىرىدىكى گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.