شىنجاڭدىكى 148 مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى

日期:2020年03月18日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىكى بۇ 148 مەنزىرە رايونى باشلامچىلىق بىلەن

پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملارنى ھەقسىز ئىشىك بېلىتى سىياسىتى بىلەن تەمىنلىدى


پۈتۈن شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا 5A دەرىجىلىك 13 مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بېلەت تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، قاراجون مەنزىرە رايونى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى، بەيشاخۇ مەنزىرە رايونى، پامىر مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خىزمەتچىلەر كىملىكى ۋە ئۈنۈملۈك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كىنىشكىسى (ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى ئۆزىنىڭ سېسترالىق كىنىشكىسى) بىلەن بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئىشىك بېلىتى ھەقسىز مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تىزىملىكى