ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلدى

日期:2020年03月17日
来源:天山网
【字体:

سۈرەتلەرنى ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن.

ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، يول بويى چوڭقۇر نەپەس ئالغىنىڭىزداتاغ گۈللىرىنىڭ، ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇشپۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلىدۇ، ئېرىق سۈيى قۇلاق تۈۋىڭىزدە شىلدىرلايدۇ... ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئەتىيازدائۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سەپىرىنى قايتا باشلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

يېقىندا، شىنجاڭ يىپەك يولى نەنسەن ساياھەت مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى(ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى) ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئېچىۋەتتى(ھەر كۈنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى سائەت 10:00دىن 17:30گىچە)، بۈگۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يەتتە كىشلىكتىن تۆۋەن جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىمەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ئىلگىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى ئاچقان، مەنزىرە رايونىنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق دېتالئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، 2017-يىلى يازدائاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ھازىرمەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش شارائىتى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشىغا ھوزۇربېغىشلىيالايدىكەن، شۇڭا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت تۈرى يەنە بىر قېتىم يولغا قويۇلغان.

ھازىرتىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن جاۋبىشەنگىچە بولغان مەنزىرە نۇقتىسىغىچە بولغان دائىرە ئېچىۋېتىلدى. مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، يەنى مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى: ھەربىر ئادەم 30 يۈەن(ساياھەتچىلىك سۇس پەسىل باھاسى)، ئارىلىق ئاپتوموبىلى بېلىتى: ھەربىر ئادەم 28 يۈەن(ساياھەتچىلىك سۇس پەسىل باھاسى) بولدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش خادىملىرى ئىناۋەتلىك خىزمەت كېنىشكىسى ئارقىلىق2020-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ھەقسىز ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن قىلىندى.

ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇنبېلەت سېتىش نۇقتىسىداياكى مېيتۇەن، شيېچېڭ، لۈماما، شىيۈيۇۋ قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ، 2-ئەۋلاد كىملىكىنى سۈركەپ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىدۇ. ساياھەتچىلەر ساياھەت جەريانىدا ماسكا تاقاپ، كىملىك، مەھەللىلەردىنبېجىرىپ بەرگەن ئاھالىلەرساغلاملىق يول خېتى قاتارلىقلارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ئارقىلىق كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋاقىت پەرقى بويىچە مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، تارقاق ساياھەت قىلىدۇ.