غۇلجا ناھىيەسى قاراياغاچ يېزىسىدىكى قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى قەھرىتان قىشنى قىزىتتى

日期:2020年01月23日
来源:天山网
【字体:

قارلىق دالىدا ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىش، قىز قۇۋار، قاردىكى ئات بەيگىسى... 1-ئاينىڭ 16-كۈنى،لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا، جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، «چېگرادىكى بوستانلىق . بەدىئىيسۈرەتتەكئىلى» غۇلجا ناھىيەسى قاراياغاچ يېزىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەتپائالىيىتى جىرغىلاڭ كەنتىدىكىبەيگە مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى، ئېسىل قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى قاراياغاچ يېزىسىنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى قىزىتىۋەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنلىرى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلارنىڭ چېلىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش قاتارلىق ئويۇنلار ۋە ئات بەيگىسى ئارقىمۇ ئارقائۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىداغۇلجا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 50 ئات بەيگىسى ماھىرىئات ئۈستىدىكى قايناق ھېسسىياتنى نامايان قىلدى. قازاقچە ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيگەن قىزلار ئاتلىرىنى قامچىلاپ، چىرايلىق كىيىنگەن ئاتلىق يىگىتلەرنى قوغلىدى. قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش قاتارلىق ئويۇنلارچەۋەندازلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن چەۋەندازلىق ماھارىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ جۇشقۇن، قىزغىن روھى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

«بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن ئات بەيگىسى كۆرۈشۈم، بەك ھاياجانلاندىم، ئاتلارنىڭ چېپىشى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن.» غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ خۇا دوستلىرى بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بەيگە مەيدانىغا كەلدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئات بەيگىسى پائالىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىم، يەنە ئېسىل تائاملارنى تېتىپ كۆردۈم، بىۋاستەكۆرۈشۋە تەم سەزگۈسى بىرلەشكەن بۇ خىل ھۇزۇرلىنىش بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنى ئەھمىيەتلىك قىلدى.

قاراياغاچ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئېردەۋلەت نۇخىتبەك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىكۆپ ئادەم قاتناشقان، ھۇزۇرلىنىش، ئۇنىۋېرساللىق، يېڭىلىق يارىتىش بىر گەۋدە قىلىنغان قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەنئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىگەئىگە، تەنھەرىكەتمۇسابىقىسى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىچوڭقۇر قېزىلىپ، قاراياغاچ يېزىسىنىڭ قار-مۇز بىلەن ئۆرپ-ئادەت بىرلەشكەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بۇ پائالىيەت ئارقىلىقھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىنى ئاشۇردى، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكتەرەققىياتىئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.